خىتاي ھۆكۈمىتى ھايۋانلارغا ئېغىز - تۇياق ياللۇغى تارقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى چەكلىگەن


2004.10.29

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە ھايۋانلارغا ئېغىز-تۇياق ياللۇغى دەپ ئاتالغان كېسەللىك تارقالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشىنى چەكلىگەن. "ئامېرىكا ئاۋازى" رادىئوسى خىتاينىڭ ئىلىدىكى ھايۋانلارغا تارقالغان يۇقۇملۇق كېسەلنى كونترول قىلىش يولىدا قاتتىق تەدبىر قوللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا كېسەللىك ئەھۋالى غۇلجا ناھىيىسىدە ئەڭ ئېغىر بولۇپ، كېسەل تارقالغان رايوندىكى مال بازارلىرى پۈتۈنلەي تاقالغان. ئۈرۈمچى چارۋىچىلىق ئىدارىسىدىكى ئەمەلدارلار، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. يەرلىك دائىرىلەر كېسەلنى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق ھۈكۈمەت دائىرىلىرى كېسەللىك ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغان. ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىدىكى ئۇچۇرلارنى ھازىرغا قەدەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەۋەر قىلىپ باقمىدى. يەرلىكتىكى دەھقان-چارۋىچىلار غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدىكى مەتبۇئات ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى خەۋەر قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى يۇقۇرىنىڭ تەستىقىسىز ئېلان قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سارس كېسىلىنى يوشۇرۇپ، سارس ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى يوشۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئىلىدىكى چارۋا - ماللاردا يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغانلىقى خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى خەۋەر قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.