ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىنىڭگىت كېسەللىكى بايقالدى
2005.02.11
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل 1 - ئايدىن بېرى 9 كىشى مىنىڭگىت كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغان. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىمارلارنىڭ ئىچىدە مىنىڭگىت كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان ئۈچ كىشى دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇلغان. ئىككى كىشى دىئاگنوز قويۇش باسقۇچىدا بولۇپ، قالغان 4 كىشى مىنىڭگىت بىلەن يۇقۇملانغانلىقى گۇمان قىلىنىۋاتقان بىمارلار ئىكەن.
ئامما سەھىيە نازارىتىدىكى دائىرىلەر، مىنىڭگىت كېسەللىرىنىڭ قايسى رايوندا بايقالغانلىقىنى شۇنداقلا بىمارلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تىلغا ئالمىغان. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 12 كىشى مىنىڭگىت كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغان. شۇ يىلى خىتاي بويىچە 57 كىشى مىنىڭگىت بىلەن يۇقۇملانغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىنىڭگىت كېسەللىكى 2 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكى بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1980 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، بالىلارنى مىنىڭگىتكە قارشى ئىمۇنىتلاشقا باشلىغان.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىئو-خىمىيە ئالىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1980 - يىللارنىڭ باشلىرى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كورلا ئەتراپىدىكى بىر مەخپىي تەجرىبىخانىسىدىن مىنىڭگىت ۋىروسى چىقىپ كېتىپ، كورلا ئەتراپىدا مىنىڭگىت كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەھىيە نازارىتى مىنىڭگىت كېسەللىكىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى دىققەت بىلەن كۈزەتمەكتىكەن. ئامما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە ئامباردا زاپاس مىنىڭگىت ۋاكسىنىسى قالمىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا مېنىنگىت بىلەن ئۆلگەنلەر سانى 16 گە يەتتى
- قۇش زۇكىمى ۋە مېنىنگېت كېسىلى ئاسىيادا قايتا ئەۋج ئالدى
- خىتايدا مېنىنگىت كېسىلى سەۋەبىدىن بەش كىشى ئۆلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھايۋانلارغا ئېغىز - تۇياق ياللۇغى تارقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى چەكلىگەن
- ئىلى ۋىلايىتىنىڭ چارۋا- ماللىرىدا جىددىي خاراكتېرلىك غەيرى تىپتىكى كېسەل تارالماقتا