ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر يىلى 8000 ئادەم ئۆپكە تېبىركىلوزىدا ئۆلىدۇ


2006.03.21

ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆپكە تېبىركىلوزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنىلا ئاممىۋى سالامەتلىككە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سېلىۋاتقان يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر يىلى 7500 دىن 8000 غىچە كىشى مەزكۇر كېسەل بىلەن ئۆلمەكتە.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان "شىنجاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتى" گە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆپكە تېبىركىلوزى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەرنىڭ 80 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە ھەر يىلى 28 مىڭ كىشىنىڭ بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆپكە تېبىركىلوزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تارىخىي بىر قەدەر ئۇزۇن كېسەللەرنىڭ بىرى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1953 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆپكە تېبىركىلوزى، پوقاق ۋە تېرە كېسىلىنى داۋالاش پىلانىنى يولغا قويغان ۋە بەزى ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن 1959 - يىلى سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، بۇ پىلان توختاپ قالغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆپكە تېبىركىلوزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىرغىچە ئاممىۋى سالامەتلىككە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سېلىۋاتقان كېسەللىك بولۇپ قېلىشىدا،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا يىتەرلىك مەبلەغ ئاجراتمىغانلىقى ۋە 1964 - يىلدىن بېرى رايوندا ئېلىپ بېرىلغان يادرو سىناقلىرى مۇھىم رول ئوينىغان.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى 1949 - يىلدىن بېرى ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە ۋە ئاممىۋى سالامەتلىك ئىشلىرىدا زور نەتىجە قازانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي سەھىيە داۋالاش ئىشلىرىدا دۇنيا بويىچە 191 دۆلەت ۋە رايون ئىچىدە ئارقىدىن سانىغاندا 4 - ئورۇندا تۇرۇدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.