ئۇيغۇر ئېلىدە ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپىيىپ،يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئۆرلىمەكتە
2007.05.15
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 4 - ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىدە 5 تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەل يەنى ئۆپكە كېسىلى، ب تىپىك جىگەر كېسىلى، س تىپىك جىگەر كېسىلى، مىكروپ خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈك كېسىلى ۋە سىفلىس كېسىلى قاتارلىقلار ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك ھالەتتە كۆپەيگەن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 4 - ئاينىڭ ئۆزىدە، ئۈرۈمچىدە س تىپلىك يۇقۇملۇق كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار سانى 2600 گە يېقىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى نەپەر ئادەم كېسەل تۈپەيلىدىن ئۆلگەن.
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ يىل 4 - ئايدا، ئاپتونوم رايون بۇيىچە ئا تىپلىك ۋە ب تىپلىك يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار سانى 14 مىڭغا يېقىن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن % 35 ئۆرلىگەن.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 4 - ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىدە س تىپلىك يۇقۇملۇق كېسەل دەپ ئاتالغان زۇكام ، يۇقۇملۇق گۈرەن بەز ياللۇغى ۋە رېماتىزىم قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى % 88 كە يەتكەن.
يېقىندا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى ئىككىنچى دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچىدە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولغاچقا، مەزكۇر دوختۇرخانىغا كېلىپ كۆرۈنۈۋاتقان نەپەس ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار بۇرۇنقىدىن ھەسسىلەپ كۆپەيگەن. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ھەر يىلى 10 مىڭ بالا دورا يەپ گاس بولۇپ قالىدۇ
- كۈيتۇندە بىر توننا ئەتراپىدا ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشى بايقالدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر كىشى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۆلدى
- ئاقسۇدا بايقالغان ۋىرۇسنىڭ قۇش زۇكامى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى
- ئۇيغۇر ئېلىدە قۇش زۇكىمى يەنە بايقالغان
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر يىلى 8000 ئادەم ئۆپكە تېبىركىلوزىدا ئۆلىدۇ
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھايۋانلاردىن تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى
- قۇش زۇكىمى ئەمدى كۆنەستە بايقالدى