ئۇيغۇر ئېلىدە ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپىيىپ،يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئۆرلىمەكتە


2007.05.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 4 ‏- ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىدە 5 تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەل يەنى ئۆپكە كېسىلى، ب تىپىك جىگەر كېسىلى، س تىپىك جىگەر كېسىلى، مىكروپ خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈك كېسىلى ۋە سىفلىس كېسىلى قاتارلىقلار ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك ھالەتتە كۆپەيگەن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 4 ‏- ئاينىڭ ئۆزىدە، ئۈرۈمچىدە س تىپلىك يۇقۇملۇق كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار سانى 2600 گە يېقىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى نەپەر ئادەم كېسەل تۈپەيلىدىن ئۆلگەن.

خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ يىل 4 ‏- ئايدا، ئاپتونوم رايون بۇيىچە ئا تىپلىك ۋە ب تىپلىك يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار سانى 14 مىڭغا يېقىن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن % 35 ئۆرلىگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 4 ‏- ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىدە س تىپلىك يۇقۇملۇق كېسەل دەپ ئاتالغان زۇكام ، يۇقۇملۇق گۈرەن بەز ياللۇغى ۋە رېماتىزىم قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى % 88 كە يەتكەن.

يېقىندا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى ئىككىنچى دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچىدە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولغاچقا، مەزكۇر دوختۇرخانىغا كېلىپ كۆرۈنۈۋاتقان نەپەس ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار بۇرۇنقىدىن ھەسسىلەپ كۆپەيگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت