ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا كەشمىرنى زىيارەت قىلىدۇ


2005.07.25

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى پات يېقىندا پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن كەشمىرنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.

پاكىستان كونتروللىقىدىكى ئازاد جاممۇ ۋە كەشمىرنىڭ سانائەت ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى مۇھەممەد ياسىن خاننىڭ ئاشكارىلىشىچە، " ئىككى تەرەپ يېقىندا ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغان." مۇھەممەد ياسىن خاننىڭ پاكىستان بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىغا تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىرگە بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئېنېرگىيە ۋە سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.

مۇھەممەد ياسىن خان ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۇ، زىيارىتىنى شەنبە كۈنى ئاخىرلاشتۇرغان. ئالاقىدار دائىرلەر ئازاد جاممۇ ۋە كەشمىرنىڭ باش مىنىستىرى ئىسكەندەر ھايات خاننى بۇ يىل 9 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە تەكلىپ قىلغان. ئىسكەندەر ھايات خاننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ 9 - ئايدا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا خىتايلار بىلەن شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش تۈرلىرى بويىچە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى سۆزلىشىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.