بۇ يىل خېنەندىن 213 مىڭ كىشى ئۇيغۇر ئېلىگە پاختا تېرىشقا كەلمەكچى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى خېنەن ئۆلكىسى بىلەن توختام تۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كېۋەزلىكلىرىدە پاختا تېرىش ئىشلىرى ئۈچۈن بۇ يىل خېنەندىن 213 مىڭ ياللانما ئەمگەكچىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ كېلىدىكەن.

شىنخۇئا خەۋەر تور بېتىگە بېسىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، توختام بويىچە بىر كۈندىلا خېنەننىڭ 18 شەھەر ۋە 60 نەچچە ناھىيە، رايونلىرىدىن 117 مىڭغا يېقىن كىشى ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ خىزمەت تونۇشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، مەزكۇر ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ بۇ يىلدىكى كېۋەزلىك مەيدانىنىڭ 7 مىليون مودىن ئاشىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن بۇ يەردىكى پاختىلارنى تېرىش ئۈچۈن 600 مىڭغا يېقىن ئەمگەكچىگە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2003 - يىلى ھۆكۈمەت تۇنجى قېتىم ئوچۇق ئاشكارا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دېھقانلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ پاختا تېرىشكە چاقىرىق قىلغاندىن كېيىن، خېنەن ئۆلكىسىدىنلا 300 مىڭغا يېقىن كىشى ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ھەمدە جەمئىي 500 مىليون يۇئەندىن كۆپ كىرىم قىلغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن رادىئومىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسىگە نۇرغۇن نارازىلىقلار كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ھاشار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ كېۋەزلىكلىرىدە مەجبۇرىي پاختا تەرگۈزۈش ئەھۋاللىرىدىن زارلانماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ھېچقانچە نەق بېرىلمەيدىكەن، ئۇلار ھەتتا پاختا تېرىۋاتقان مەزگىلىدىكى يىمەك-ئىچمەك چىقىملىرىنىمۇ ئۆزى كۆتۈرىدىكەن. (پەرىدە)