ئۇيغۇر ئېلىدە 800 مىڭ ئوقۇغۇچى پاختا تېرىشكە ئېلىپ كىتىلدى


2006.09.06

يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇيغۇر ئېلىدە 800 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا پاختا تېرىشكە ئەۋەتىلگەن. خەۋەردە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر مىللەت بالىلىرىدىن بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىقتىساتچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمگەك دەرىسى بۇيىچە بۇ ئەمگەككە ئېلىپ چىقىلغانلىقى يېزىلغان.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قېتىملىق پاختا تېرىش ئەمگىكى 10‏-ئاينىڭ 1‏- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. ئەمما خەۋەردە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپتىنلىقى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن. لېكىن مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر يېقىندا، بۇنىڭدىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پاختا تېرىشكە ئېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇڭا بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا-ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرىي پاختا تېرىشكە ئېلىپ چىقىش يەنى ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىش، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا تۈرلۈك نارازىلىقلارنى پەيدا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، كۈندىلىك پاختا تېرىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولالمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەتتا پۇل تۆلەشكە مەجبۇر بولۇشى، ئىقتىسادى ناچارراق ئائىلىلەر ئۈچۈن بىر چوڭ بېسىم بولماقتا.

بۇ ھەقتە رادىئومىزغا كېلىۋاتقان ئىنكاسلارمۇ ئاز ئەمەس. يېقىندا بىزگە تېلېفون قىلغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاختا ئەمگىكىگە بەرگەن پۇلنىڭ ئۇلارنىڭ شۇ يەردىكى يىمەك-ئىچمىكىگە ئاران يېتىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ ئوقۇغۇچىلارغىمۇ خۇددى ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي ئىشلەمچىلەرگە بېرىدىغان پۇلنى بەرسە، ئۇ چاغدا بەلكىم بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ رازىلىق بىلەن بۇ ئەمگەكنى قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.