خىتاي يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىككىنچى قېتىملىق كىملىك ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلايدۇ


2007.08.15

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى 8 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى ئاشكارىلىشىچە، 8 ‏- ئاينىڭ 20 ‏-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئىككىنچى قېتىملىق كىملىك ئالماشتۇرۇش خىزمىتى باشلىنىدىكەن.

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق كىملىك ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كىملىك بېجىرىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. بۇ قېتىم بېجىرىلىدىغان ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكنىڭ سانى 8 مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا، گەرچە 'چەتئەللەرگە كەتكەن كىشىلەر كىملىك بېجىرىشنى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ' دەپ ئاددىي ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ رەسمىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ، قىيىن ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارغا سېلىنىۋاتقان تەھدىت ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.