قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 50 يىللىقى تەبرىكلەندى
2004.09.08
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى -8 سېنتەبىر كۈنى ئاتۇش شەھىرىدە تەبرىكلەندى.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتى ۋە خىتاي دۆلەت كابېنتى تېلېگراف ئەۋەتىپ، 50 يىلدىن بۇيان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، چېگرا مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازانغانلىقىنى مەدھىيلىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكومى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزمەسلىك ھەققىدە قارار چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان بىر قانچە ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە كۈنى ئارقا-ئارقىدىن تەبرىكلەندى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە داۋراڭ سالماسلىققا كۈچىنىڭ بېرىچە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)