ئۈرۈمچىدە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپەيدى


2006.12.26

قىش كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىدە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە كېسەل كۆرسىتىشكە كەلگەنلەرنىڭ سانى بىردىنلا ئېشىپ كەتكەن. نەپەس يوللىرى بويىچە كېسەل كۆرسىتىدىغانلار ئىلگىرى 70 تىن 80 غىچە بولغان بولسا ھازىر بىردىنلا ھەر كۈنى 200 گە يەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئەھۋال ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشقا دوختۇرخانىلىرىدىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىدا 400 دىن ئارتۇق بالىغا كارىۋات يېتىشمەي قالغان. شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوختۇرخانىسىدىمۇ نەپەس كېسەللىكلىرىنىڭ سانى ئېشىپ كەتكەن.

بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بەزى تىببىي ۋە ئەكولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى ھەم باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەرنىڭ نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىنىگ كۆپىيىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.