ياۋروپا كومىتېتى خىتايغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن "قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى" بىلدۈرگەن


2006.09.15

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارى بەنىتا فېررېرو ۋالدنېر، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى خىتاي - ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتىدە دائىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋالدنېر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى 2005 - يىلى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي - ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئاچقۇچلۇق مەسىلە سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇ، "بۇ مۇزاكىرىدىن بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بارغان 3 كۈنلۈك زىيارىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇدا يەرلىك دائىرىلەر ۋە دىنىي رەھبەرلەر بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى" دەيدۇ.

بەنىتا فېررېرو ۋالدنېر، بۇ سۆزلەرنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىتالىيىلىك ئەزاسى ماركو كاپپاتونىڭ يازما سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن. ۋالدنېر خانىم "خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى مەسىلىسى ئالدىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىغا دىققەت قىلغان. ئۇ، بۇ مەسىلىنىڭ بۇ يىل 27 - ئىيۇندا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى ماركو كاپپاتو، ۋالدنېر خانىمغا يوللىغان يازما سۇئالىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى قۇتقۇزۇش يولىدا نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى سورىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.