ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىدىكى زەيلىك قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرىماقتا


2004.10.25

ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا-كىلىماتىدىكى نەملىكنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان چىڭگىدا كۆلى ئەتراپىدىكى زەيلىك نۆۋەتتە قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە دۈچ كەلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۈرۈمچى ناھىيىسىدىكى چىڭگىدا كۆلىنى ئوراپ تۇرىدىغان زەيلىكنىڭ كۆلىمى ئەسلىدە 20 مىڭ موغا يېقىن بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا زەيلىكنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى قۇرۇپ كەتكەن. چىڭگىدا كۆلى ئەتراپىدىكى زەيلىكلەر تەخمىنەن ھەر يىلى 600 مولىق سۈرئەت بىلەن يوقالماقتا.

بۇ زەيلىك قۇربان تۇڭغۇت قۇملىقىدىن ئۇچۇرۇپ كېلىنگەن قۇملارنى توسۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايتتى. چىڭگىدا كۆل زەيلىكى يەنە تۈرلۈك قۇشلارنىڭ ماكانى ئىدى. زەيلىكنىڭ تېز قۇرۇپ كېتىشى بۇ يەردە ياشايدىغان قۇشلارنىڭ ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

چىڭگىدا كۆلى تەبىئى قوغداش رايۇنى دائىرىلىرى، زەيلىكنىڭ بۇنداق تېز قۇرۇپ كېتىشىگە كىشىلەرنىڭ قالايمىقان بوز يەرئېچىشى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ بۇلغىشى ئاساسلىق سەۋەب بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنىڭ تېز ئېشىشى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مۇھىتنى قوغداشتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانماسلىقى سەۋەبىدىن ئىكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.