بىل كلىنتون ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلدى


2005.09.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتون، جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، خۇئالىڭ گۇرۇھىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى " شىنجاڭ خەلقئارا ئىقتىسادى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى" دە " يىپەك يولى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى" دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھازىرغىچە، كلىنتوننىڭ نۇتۇقىنىڭ مەزمۇنىنى ئېلان قىلمىدى.

كلىنتون خۇئا لىڭ مىھمانخانىسىغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاش بېلىتى ئادەتتىكى تىڭشىغۇچىلارغا 500 سومدىن 1000 سومغىچە ئارىلىقتا سېتىلدى. ئالاھىدە مېھمانلار بېلىتى 20 مىڭ يۈئەن بولۇپ، بۇ كىشىلەر كلىنتون بىلەن بىرگە بارغان كارخانىچىلار بىلەن سۆزلىشەلەيدۇ.

10 مىڭ دوللار تۆلىگەنلەر كلىنتون بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن. كلىنتون ئۈرۈمچىگە كېلىشتىن بۇرۇن جىڭجۇ ۋە كۈنمىڭلارنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنى يوقلىغان. خېنەندىكى ئەيدىزلەر كلىنتون فوندى جەمئىيىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىدى. كلىنتون فوندى جەمئىيىتى خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغاندىن بېرى، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارغا دورا ياردىمى قىلىپ كەلدى. بىلل كلىنتون ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بارغان تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.