ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى كلىنتون ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلماقچى


2005.08.22

سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كىلىنتون كېلەر ئاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان " قەدىمىي يىپەك يولىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ۋە خىتاينىڭ غەربىي رايونىنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش " تېمىسىدىكى ئىقتىسائىي يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولىدىكەن.

يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سابىق پرېزىدېنت كلىنتون گولوبال داينامىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ خاۋلىڭ شىركىتى تەرىپىدىن بىرلىكتە تەشكىللەنگەن يىغىندا " قەدىمىي يىپەك يولى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلىكتە كەلتۈرۈش" تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كىلىنتون ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ 50 ۋەكىلىنى ئۆز بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ بارىدىكەن. يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت كىلىنتون بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىگە بارىدىغان ئامېرىكا شىركەت ۋەكىللىرى، يىغىن جەريانىدا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە سودىگەرلىرى بىلەن ھەر جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.