ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتون ئۈرۈمچىگە 8 - سېنتەبىر كۈنى يېتىپ بارىدۇ
2005.09.01
خىتايغا زىيارەتكە بارىدىغان ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتون 8 - سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىنى باشلايدۇ.
ئۇ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتى جەريانىدا، 9 - سېنتەبىر خۇئالىڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە "خىتاينىڭ غەربىي رايونى خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالىي يىغىنى" غا قاتنىشىپ، "ئىپەك يولى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي بىرلىكى" دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىمەكچى.
تەڭرىتاغ خەۋىرىدە مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە كلىنتوننىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاش بېلىتى 500 يۈئەندىن 1000 يۈئەنگىچە سېتىلىدىكەن. ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغان ئالاھىدە مېھمانلار بولسا 10 مىڭ يۈئەن تاپشۇرىدىكەن.
كلىنتون بۇ قېتىملىق سەپىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا يەنە، بېيجىڭ، جېڭجۇ، ۋېيخەي ۋە خاڭجۇلارنى زىيارەت قىلماقچى. ھازىر ئۇنىڭ جېڭجۇدا قىلىدىغان نۇتۇقىنى ئاڭلاش بېلىتى 360 مىڭ يۈئەندىن ئېشىپ كەتكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى كلىنتون ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلماقچى
- ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى چەتئەللەرنى جەلپ قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەدىمى يىپەك يولىغا مەبلەغ سالماقچى
- يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇش پىلانى "ئورتاق ۋىزا" تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشنى كۆزلەيدۇ
- ب د ت قەدىمىي يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇشنى پىلانلىماقتا