"بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىدە خىتاينىڭ "غەربنى ئېچىش" سىياسىتىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئاشكارە قىلىندى


2004.10.07

ئامېرىكىدىكى مەشھور "بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىدە پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقنى ئەمەس، بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى مەنپەئەتلەندۈرىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

مەزكۈر گېزىتنىڭ مۇخبىرى دەيۋىد لىنچنىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلارنى ئىنىچلىك بىلەن كۈزىتىش ئارقىلىق يازغان بۇ ماقالىسىدا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مىللىي، دىنىي ۋە ئىقتىسادىي پەرقنىڭ زورلىقى، ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونتروللۇقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، نەچچە ئون يىلدىن بويان سېستىمىلىق ھالدا كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى شىددەت بىلەن ئاشقان. چەتئەلدىكى مۇتەخەسسىسلەر قەشقەردەك بىر قەدىمىي ئۇيغۇر شەھەردىمۇ خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئومومىي شەھەر نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يەتكەن بولىشى مومكىنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي گۈللىنىشتىن ئەڭ كۆپ بەھرىمان بولىۋاتقان بولۇپ، يەرلىك خەلق ئۆزلىرىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغاندەك ھىس قىلماقتا ئىكەن.

"بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ماقالىدە يەكۈنلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە غەربنى ئېچىش سىياسىتى بىلەن بۇ رايۇننى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي، سىياسىي ۋە باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارىسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنى ئازايتمىسا، كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ مەسىلىلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.