خىتاي يەنە بىر تۈركۈم كادىرلىرىنى قەشقەرگە ئەۋەتتى


2005.07.31

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋىلايىتىدىكى رەھبىرى خىزمەتلەرنى زىممىسىگە ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان 128 نەپەر خىتاي كادىرى قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. بەشىنچى تۈركۈمدىكى مەزكۇر خىتاي كادىرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كومپارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ يۇرتى شەندوڭ ئۆلكىسىدىن شۇنىڭدەك يەنە تيەنجىن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئىكەن.

بۇ ھەقتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە 1997-يىلىدىن بۇيان جەمىي 319 كادىر قەشقەر ۋىلايىتىگە ياردەمگە ئەۋەتىلگەن ئىكەن.

بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، بۇ خىتاي كادىرلىرى ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك خىزمىتىنى سىناق تەرىقىسىدە زىممىسىگە ئالىدىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارىلىق ۋەزىپىسىنى بېجىرگەندىن سىرت يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى باشقۇرۇشنىمۇ قولغا ئالىدىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر كادىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقلىرى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن قەشقەر، ئاقسۇ ۋە خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە بولغان كونتروللۇقنى چىڭىتقان بولۇپ، مەزكۇر ياردەمگە ئەۋەتىلگەن خىتاي كادىرلىرىغا ئەنە شۇ مۇستەقىلچىلىرىگە زەربە بېرىش ئاساسىي ۋەزىپە قىلىنغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.