يەنە بىر تۈركۈم خىتاي كادىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە "ياردەم قىلىش" نامى بىلەن كەلدى

يېقىندا خىتاينىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن ۋە ھەر قايسى مەركەزگە قاراشلىق كارخانىلىرى ھەمدە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن بولۇپ 946 نەپەر خىتاي كادىر ئۇيغۇر ئېلىگە "ياردەم قىلىش" نامى بىلەن يېتىپ كەلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇلار ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم قىلىشقا كەلگەن 5 - تۈركۈم كادىرلار سېپى بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ 8 يىللىق " كادىرلارنى شىنجاڭغا ياردەمگە ئېلىپ كېلىش پىلانى" نىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

بۇنىڭدىن ئاۋالقى 4 تۈركۈم "شىنجاڭغا ياردەم قىلىش كادىرلىرى" ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى 91 ئورۇندىن ھەمدە 13 ئۆلكە ۋە شەھەردىن كەلگەن. خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، بۇ كادىرلارنىڭ 640 ئى پارتىيە-ھۆكۈمەت خادىمى، 2 مىڭغا يېقىن كەسپىي تېخنىكا خادىمى ۋە 447 نەپەر يۇقىرى ئۇنۋانلىق كادىرلار ئىكەن.

شۇنداقلا بۇ يىل 8 -ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئۆتكەنكى 4 تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن كادىرلار سېپىدىن جەمئىي 1739 كادىر 3 يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يۇرتلىرىغا قايتىپ بولغان. (پەرىدە)