خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى چوڭ كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىغا ماكانلىشىپ ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر تۈركۈم چوڭ كارخانا ۋە كارخانا گۇرۇھلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدە ماكانلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەۋزەل بايلىقنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ 5 ‏- ئاپرىل كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2005 ‏- يىلى شىنخۇئا گۇرۇھى، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى ۋە جۇڭگو خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو سۇچىلىق گۇرۇھى قاتارلىق 4 چوڭ كارخانا ئۇيغۇر ئېلىغا ماكانلىشىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پولات ‏- تۆمۈر، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، خىمىيە سانائىتى، سۇچىلىق قاتارلىق كەسىپلىرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە شاڭخەي باۋشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى شىنجاڭدا ماكانلاشقاندىن كېيىن، 3 مىليارد يۈئەن كاپىتالنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پولات - تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 3 مىليون توننىدىن 6 مىليون توننىغا يەتكۈزمەكچى بولغان. جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى پەن - تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى، قەشقەردە كۈنىگە بىر مىڭ 600 توننا سېمونت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قۇرۇلۇشنى يولغا قويغان.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە نۇرغۇن خىتاي كارخانا گۇرۇھلىرى بىر تۈركۈم يېڭى تۈرلەر بويىچە ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەسلى مەۋجۇت بولغان زاۋۇت - كارخانىلارنى ئىشتىن توختاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئاساس قىلغان ھەمدە يەرلىك باشقۇرىدىغان كارخانا، گۇرۇھلارنىڭ ئورنىغا خىتاي كارخانىلىرىنى دەسسىتىپ، شۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدا يەتكۈزۈش يولىنى تۇتۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئاشكارا ھالدا خىتاي مىللەتچىلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)