شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى قاتناش ھەمدە ساياھەت ئورگانلىرى ماي بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىدە خىتايدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر دولقۇنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن جىددى ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر 167 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا تەييارلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە پەقەت -1 ماي، بىر كۈندىلا خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىگە پەقەت ساياھەت ئۈچۈنلا كېلىدىغان يولۇچىلارنىڭ سانى44مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئالتۇن ھەپتىلىكتەخىتاي ئىچىدىن 400مىڭدىن كۆپرەك ساياھەتچىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
بەزى خەۋەرلەردىن مەلۇمكى باھار كېلىشى بىلەن خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىش ئىزدەپ چىقىدىغان خىتايلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئادەم قاينىمىدىن تۆمۈر يول قاتناش دائىرىلىرىمۇ بېسىم ھېس قىلغان بولۇپ، بۇ ئادەم دولقۇنلىرىنى بىخەتەر ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەش ئۈچۈن دائىرىلەر بېيجىڭ- ئۈرۈمچى تۆمۈر يول قاتنىشىنىڭ سۈرئىتى 42 سائەتكىچە تېزلىتىلگەندىن باشقا ئايرىم -ئايرىم، ئاقسۇ -لەنجۇ تومۇر يول قاتنىشى، ئۈرۈمچى- شاڭخەي تۆمۈر يول قاتنىشى ھەمدە ئۈرۈمچى نەنجىڭ تۆمۈر يوللىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتكەن ھەمدە قاتناش قېتىم سانىنىمۇ ئاشۇرغان. (گۈلچېھرە)