ئۇيغۇر ئېلىغا يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى


2006.07.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي رايونلارغا ياردەم بېرىش شۇئارى ئاستىدا، يېقىندا شەندۇڭ ۋە شەنشىدىن كەلگەن 786 نەپەر خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى مەكتەپ ۋە داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ مۇلازىمەت باشلىدى.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 27 ‏- ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، 2003 ‏- يىلىدىن بېرى يولغا قويۇلغان مەزكۈر پىلان بويىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن 2 مىڭ 197 ئوقۇغۇچى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 32 ناھىيە ۋە شەھەرلىرىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ماكانلاشقان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بېكىتىپ بەرگەن، پارتكوم مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋە رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۈر سىياسىتىگە قىزغىن ئاۋاز قۇشۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەزكۈر خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان . ئۇ يەنە": مەن سىلەرنىڭ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن" دېگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ئاكىتىپلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ، دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل باھانىلار بىلەن، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سەۋەبلىرى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت