خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېكولوگىيىلىك كۆچمەنلەر قۇرۇلۇشى


2004.10.15

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېكولوگىيىلىك كۆچمەنلەر قۇرۇلۇشى دەپ نام بەرگەن ئۇيغۇر رايونىدا چېگرا ياقىسىدىكى ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش سىياسىتى بويىچە يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە 150 مىڭ كىشىنى تەبئىي شەرت - شارائىتى ناچار رايونلاردىن باشقا جايلارغا كۆچۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇھىت ئاسراش دائىرلىرى، ئېكولوگىيىلىك كۆچمەنلەر قۇرۇلۇشىنىڭ تەبىئىي شەرت - شارائىتى ياخشى بولمىغان جايلاردىكى ئاھالىلەرنى ياشاشقا قولايلىق جايلارغا كۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ كۆرسەتمەكتە. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت قوغداش ئىدارىسىدىكى دائىرىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 6 مىليارد 300 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ياشاشقا قولايلىق بولمىغان جايلاردىكى 157 مىڭ كىشىنى باشقا رايونلارغا كۆچۈرگەن.

ئېكولوگىيىلىك كۆچمەنلەر قۇرۇلۇشىنىڭ كۆچۈرۈش نىشانى قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىل سۇ رايونىنىڭ ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان چېگرىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزا - كەنتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەركەنت ناھىيىسىگە قاراشلىق دامسى، قوشىراپ، كاجۇڭ يېزىلىرىدىكى 5 مىڭ ئۇيغۇر دەھقان چىگرىدىن يىراق جايلارغا كۆچۈرۈۋېتىلگەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېكولوگىيىلىك كۆچمەنلەر قۇرۇلۇشىنى تەنقىت قىلىۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدىكى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ غەرىزى ئۇيغۇرلارنى چېگرا رايونلاردىن يىراقلاشتۇرۇش دەپ ئەيىپلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرا رايونلاردا ئولتۇراقلىشىشىنى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قاراۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنى چئېگرا رايونلاردىن كوللىكتىپ كۆچۈرۈش ھەرىكىتى ب د ت خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىغا خىلاپ، دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.