ئۈرۈمچى شەھىرى سودا خاراكتېرلىق قۇرۇلۇشلار سەۋەبىدىن پۇقرالارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنى چەكلىدى
2004.12.30
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت، سودا خاراكتېرلىق قۇرۇلۇشلاردا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋاستىسى قوللىنىشىغا بىردەك يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى گو لىيەنشەن چارشەنبە كۈنى ئېچىلغان 2004 - يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، "بۇندىن كىيىن، سودا خاراكتېرلىق قۇرۇلۇشلاردا، ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىردەك مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋاستىسى قوللىنىشقا بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتايدا، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ئەھۋاللىرى ئىنتايىن ئېغىر. كۆپىنچە ھاللاردا ھۆكۈمەت تارماقلىرى سودىگەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۆي ۋە زېمىن ئىگىلىرىگە تىگىشلىك تۆلەم بەرمەستىن، ئۇلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئۆي - زېمىن داۋاسى بىلەن ئەرز سۇنىدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا ئاشماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۆتكەن يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يېڭى كۆچۈرۈش بەلگىلىمىسى چىقىرىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ كۆچۈرۈش ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما بۇ بەلگىلىمە تۇلۇق ئىجرا قىلىنمىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەرزىيەت باشقارمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن ئەرز سۇنغانلارنىڭ سانى يەنىلا ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. شۇڭا بىر قىسىم ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. (ئارزۇ)