كۈنەستە خىتاي كۆچمەنلىرى مەبلەغ چىقىرىپ، يەرلىك دېھقانلار يەر ۋە كۈچ چىقىرىپ كىرىمنى تەڭ بۆلۈشىدىغان ئىگىلىك شەكلى قانات يايدۇرۇلماقتا
2007.06.20
كۈنەس ناھىيىسىنىڭ بەشتۆپە يېزىسىدا، ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى مەبلەغ ۋە ئەقىل (تېخنىكا) چىقىرىپ، يەرلىك دېھقانلار يەر ۋە ئەمگەك كۈچى چىقىرىپ كۆكتات تېرىپ، مەھسۇلات كىرىمنى تەڭ بۆلۈشىۋالىدىغان بىرخىل 'ئىگىلىك شەكلى' قانات يايدۇرۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'تەڭرىتاغ تور بىتى' خىتاي كۆچمەنلىرى يەرلىك دېھقانلارنى قۇل قىلىدىغان بۇنداق ئىگىلىك شەكلىنى 'مىللەتلەر ھەمكارلىقى' دەپ ئاتىغان ۋە بۇنداق شەكىلنى 'يەرلىك دېھقانلارنى باي قىلىدىغان ھەمكارلىق ' دەپ مەدھىيىلەپ، ئۇنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىرغان.
بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ناھىيىدە دېھقانلار كۆكتات تېرىسا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەجبۇرىي ھالدا يۇلغۇزىۋەتەتتى. يەرلىك خەلق كۆكتاتنى بىڭتۇەندىن سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. (ۋەلى)
©
2007 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە 100 مىڭدىن ئارتۇق مال-چارۋىچى يايلاقلاردىن كۆچۈرۈلمەكچى
- خىتايدىكى تېرىلغۇ يەرلەر زور دەرىجىدە بۇلغاندى
- خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقئارالىق نامرات ناھىيىلەرگە 55 مىليون دوللار ياردەم سوممىسى بەردى
- ئۇيغۇر ئېلى كۆكتات ئېكىسپورتىدا ئالدىنقى ئورۇندا سانالماقتا