ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈز يىلدىن بۇيان كۆيىۋاتقان كۆمۈرلۈكنىڭ ئوتى ئاخىرى ئۆچتى
2004.11.03
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى يۈز يىلدىن بۇيان كۆيىۋاتقان ليۇخۇئاڭگۇ كۆمۈرلۈكىنىڭ ئوتى ئاخىرى ئۆچتى.
ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوت ئۆچۈرۈش ئورۇنلىرى ئۆتكەنكى 4 يىلدىن بۇيان مەزكۈر كۆمۈرلۈكنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن جەمئىي 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلىگەن.
يەرلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ كۆمۈرلۈكتىكى ئوت 1874 - يىلىدىن باشلاپ كۆيىۋاتقان بولۇپ، ئوت ئۇلغايغان مەزگىلدە ھەتتا يىلىغا 1مىليون 8 يۈزمىڭ توننا كۆمۈر كۆيۈپ تۈگىگەن.
شۇنداقلا كۆمۈرنىڭ كۆيىشى سەۋەبىدىن ھەر يىلى كاربون تۆت ئوكسىد ۋە كاربون چالا ئوكسىدلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 مىڭ توننا زەھەرلىك گاز ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىكەن. شۇڭا بۇ ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىپ كەلگەن ئىدى.
كۆمۈر بايلىقىغا مول ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈر زاپاس مىقدارى پۇتۇن خىتاينىڭ ٪ 41 نى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، لىيۇ خۇئاڭگۇ كۆمۈرلىكىدىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇشۇنداق كۆيىۋاتقان چوڭ كۆمۈرلۈكتىن يەنە 7 سى بار ئىكەن. (پەرىدە)