ليۇداۋان كۆمۈر كانى تاقىلىشى مۇمكىن
2005.02.03
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى لىيۇداۋان كۆمۈر كانى ھەددىدىن زىيادە قېزىپ كولانغانلىقتىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەر ئاستى قاتلىمىدا كەڭ كۆلەمدە بوشلۇق پەيدا بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىد ئېلىپ كەلمەكتە.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت بايلىقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ليۇداۋان كۆمۈر كانىنى تاقاش لايىھىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەمما قاچان تاقايدىغانلىقىنى تېخى بېكىتمىگەن.
ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ليۇداۋان كۆمۈر كانى ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئەڭ يېقىن كۆمۈر كانلارنىڭ بىرى بولغاچقا، كۆمۈر قېزىش نەتىجىسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەر ئاستى قاتلىمىدا كەڭ دائىرىدە كاۋاك شەكىللەنگەن. بەزى جايلاردا ھەتتا چۆكۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە چۆككەن يەرنىڭ كۆلىمى نەچچە ئون كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، چۆكۈش بارغانسىرى شەھەر مەركىزىگە قاراپ كېڭىيىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىناسىغا ئاز قالغان.
بۇنىڭدىن سىرت، كۆمۈر كولاش نەتىجىسىدە يەر ئاستى قاتلاملىرىدا بوشلۇقلارنىڭ پەيدا بولۇشى ، ئۈرۈمچىنىڭ يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرى، يەر يېپىنچىلىرى ۋە يەر شەكلىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان. ليۇداۋان كۆمۈر كانىدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 101 - پولكىنىڭ قارمىقىدىكى كۆمۈر كانمۇ ئوخشاش مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خىتاي دائىرىلىرى ليۇداۋان كۆمۈر كانىنى تەدرىجى ھالدا تاقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما كۆمۈر كاندا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن. ئۈرۈمچى لىيۇداۋان كۆمۈر كانىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر كۆمۈر كان ئىشچىلىرى بار. (ئارزۇ)