Sinopec نىڭ كۆزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈر بايلىقىغا تىكىلدى


2006.09.26

خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتى دۈشەنبە كۈنى 2006 - يىلدىن 2010 - يىلغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆمۈردىن نېفىت، خىمىيىلىك ماددىلار ۋە مىتان ئىشلەپچىقىرىدىغان يېڭى تۈرلەرنى ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر شىركەت بۇ قارارنى چىقىرىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي جۇڭغار ۋادىسىدىكى كۆمۈر زاپىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى 2006 - يىلدىن 2010 - يىلغىچە داۋاملىشىدىغان 11 - بەش يىللىق پىلاندىكى شىركەتنىڭ خام ئەشيا زاپىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىدىغان ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جايلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتى ۋە جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ بۇ ساھەدە چەتئەللەر بىلەن شېرىكلىشىشىگە يول قويماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېنېرگىيە زاپىسىنى ئېچىش رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە،دەپ قارىسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بۇ تەرەققىيات، مۇھىتنى ۋەيران قىلىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى رايونغا جەلپ قىلىش، يەرلىكلەرنى ئۆي - ماكانى ۋە خىزمىتىدىن مەھرۇم قىلىش رولىنى ئوينىماقتا، دەپ ئەيىبلەپ كەلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.