ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈرى خىتاينىڭ جەنۇبى ۋە شەرقى قىسىملىرىغا يۆتكۈلۈلمەكتە


2007-01-23
Share

23 ‏- يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان كۆمۈر مىقتارى كۆپىيىپ، ئۆزىنى قامداشتىن سىرت يەنە، خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقى رايونلىرىغا يۆتكۈلىدىكەن.

خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن بۇ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا "كۆمۈر سانائىتىنىڭ 11 ‏- قېتىملىق 5 يىللىق پىلانى" نى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر پىلاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا يەنە گەنسۇ، ۋە چىڭخەي ئۆلكىسىنى "كۆمۈر ئىشلەپ چىقىرىشتا، ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىيەلەيدىغان ئۆلكە " دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلان بويىچە، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن بۇ 3 ئۆلكىدە، كۆمۈر ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە ئۆزىنى قامداشتىن سىرت يەنە "شىمالدىكى ۋە غەربتىكى كۆمۈرنى جەنۇپ ۋە شەرققە يۆتكەش " كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىياليلىرى "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت ۋە گېزىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشكە باشلىغان، ھازىر ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈرىنى يۆتكەشكە باشلىدى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر- ئاستى بايلىقىنى پىلانلىق ھالدا بۇلاڭ -تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرستىپ بېرىدۇ" دەپ بىلدۈرمەكتە. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت