ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مول كۆمۈر بايلىقى چەتئەل ۋە خىتاي شىركەتلىرىنى بۇ زىمىنغا ماكانلاشتۇرماقتا

2007-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئىلى خىتاينىڭ 10 چوڭ كۆمۈرچىلىك شىركىتى ئۈچۈن كۆمۈر بازىسىغا ئايلاندى. خىتاي ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ يېىقىندا بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ كۆمۈرچىلىك كەسپىدىكى داڭلىق 10 چوڭ شىركەت ئومۇمىي كۆلىمى 110 مىليون توننا، ئېلىكتىر قۇۋۋىتى 8 مىليون 800 مىڭ كىلوۋات، كۆمۈردىن مېتانول ياغاچ ئىسپىرىتى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 7 مىليون 600 مىڭ توننا، كۆمۈردىن ئولېفىن ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 1 مىليون 960 مىڭ تونناج كۆمۈردىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 3 مىليون توننىغا يېتىدىغان كۆمۈر كانلار قۇرۇپ چىقىدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، مەزكۈر كانلار ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق سېتىش كىرىمى 55 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزىلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئىلى كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى بازىسى قۇرۇلىۋاتقان بولۇپ، شىنۋېن ، گوتۇ قاتارلىق خىتاي كارخانىلىرى جىددى يوسۇندا قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ ، تېخىمۇ چوڭ كۆمۈر بازىسى قۇرۇش پىلانلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇلتۇر ئىشلەپچىقارغان كۆمۈر مەھسۇلاتى 2005 ‏- يىلدىكىدىن 3 مىليون 600 توننا ئاشقان ۋە خىتاينىڭ 11 - بەش يىللىق پىلانغا ئاساسەن كۆمۈر مەھسۇلاتىنى يۈز مىليون توننىغا، توك تارقىتىش گىنراتۇرلار سىغىمچانلىقىنى 10 مىليون كىلوۋاتقان يەتكۈزدىكەن.

مول يەر ئاستى بايلىقلارغا ئىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ، پەقەت كۆمۈر ئارقىلىق ھاسىل قىلىدىغان ئىقتىسادىي بايلىقى نىمە ئۈچۈن بۇ زىمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدۇ دىگەن سۇئال، ئۇيغۇر سىياسىي كۈزەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن غۇل - غۇلا قىلىنىۋاتقان مۇھىم تېما بولۇپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت