خىتايدا بىر توننا كۆمۈرنىڭ باھاسى 655 يۈەنگە يەتتى

دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى قىشلىق ھاۋا كىلىماتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنېرگىيە تەمىنلەشتىكى جىددىيلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بېنزىن كۆمۈر ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، دۈشەنبە كۈنى ھاۋا كىلىماتى ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا كۆمۈر يەتكۈزۈش مەسىلىنى قىيىنلاشتۇرغاچقا، كۆمۈر باھاسى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدا جىددىي چاقىرىلغان يىغىندا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيسى ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان لازىمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى بىر توننا كۆمۈرنىڭ باھاسى 655 يۈەنگە يېتىپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 17 پىرسەنت ئۆرلىگەن.

خىتايدا گۆش ۋە باشقا دانلىق يېمەكلىكلەرنىڭ يېتىشمەسلىكى ھەمدە گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى خىتايدا مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە پۇل پاخاللىق ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، خىتايدا تېخى بۇ مەسىلىلەر تولۇق ھەل بولۇپ كەتمەي تۇرۇپلا، خىتاي يەنە ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يەنە، خىتايدا ئۇزۇنغا قالماي تەبرىكلىنىدىغان چاغان بايرىمى مەزگىلىدە مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، بازارنى يېتەرلىك يىمەك- ئىچمەك ۋە باشقا كېرەكلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. (جۈمە)

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org