شەندۇڭ گىئولوگىيىلىك ئۆلچەش ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر چوڭ كۆمۈرلۈك تاپتى


2006.06.28

يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گىئولوگىيىلىك ئۆلچەش ئىدارىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سانجى ئوبلاستىدا يەنە بىر چوڭ كۆمۈرلۈكنى تاپقان. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ كۆمۈرلۈكنىڭ زاپاس مىقدارى 6 مىليارد توننىدىن ئاشىدىكەن. بۇ شەندۇڭ كان بايلىقلىرىنى قېزىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بايقىغان 2‏- چوڭ كۆمۈرلۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كۆمۈرلۈكنىڭ زاپاس مىقدارى خىتاينىڭ 2005‏- يىلىدىكى ئومۇمىي كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۆتكەن يىلى شەندۇڭ كان بايلىقى نازارىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 1 مىليارد 390 مىليون توننا زاپاس مىقدارىغا ئىگە چوڭ كۆمۈرلۈك بايقىغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەننىڭ يۇرتى بولغان شەندۇڭنىڭ گىئولوگىيە ئورۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەر بايلىقلىرىنى قېزىش ئىشلىرىغا كۆپ قاتنىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت ھازىرمۇ شەندۇڭدىكى نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كان قېزىش ئارزۇسى بار ئىكەن.

خىتاي كۆمۈر تەمىناتىغا جىددىي ئېھتىياجلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئەمما خىتاينىڭ كۆمۆر كان ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ئەھۋالى، خەلقئارا جامائەت ئەندىشە قىلىدىغان بىر ئەھۋال. چۈنكى خىتايدا ھەر يىلى كان ھادىسىسى سەۋەبىدىن ئۆلۈدىغان ئىشچىلارنىڭ سانى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. تېخى چارشەنبە كۈنىلا شەنشىدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بېرىپ، 56 ئىشچى ئۆلگەن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ فۇكاڭ شەھىرىدە ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن ۋە 83 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كان ھادىسىسىگە چېتىشلىق 6 نەپەر مەسئۇل خادىم ئۈستىدىن چارشەنبە كۈنى سوت ئېچىلىپ، ئۇلارغا 3 يىلدىن 6 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.