خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەملىك كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىنى باشلىدى


2007.04.30

ئېنېرگىيە تورىدا 30- ئاپرىل بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن ئاشكارلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە شىنۋېن كانچىلىق گۇرۇھىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن يىلىغا 10 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. مەزكۇر كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى شۇ جاي ۋاقتى يەكشەنبە كۈنى، 2007 - يىلى 29-ئاپرىل، باشلانغان.

شىنۋېن كانچىلىق گۇرۇھى 336 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بۇ قۇرۇلۇش تۈرى ئىلى ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ كۆمۈر كان قۇرۇلۇشى ئىكەن.

ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنۋېن كانچىلىق گۇرۇھى ئىلى ۋادىسىدا مېتانول (ياغاچ ئىسپىرتى) ۋە ئولېفىن قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈچۈن، يىلىغا 30 مىليون توننا كۆمۈرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەسلىھەلىرىگىمۇ مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغىچە 138 خىل مىنېرال ماددىلار، 1059 ئورۇندا مەدەن ماددىلار زاپىسى بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 9 ئورۇن خىتاي بۇيىچە 2- ئورۇندا، 50 ئورۇن 10- ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە 730 مىليون توننا تۆمۈر رۇدىسى، 2.19 تىرىليون توننا كۆمۈر زاپىسى بار بولۇپ خىتاي ئومۇمىي كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي نېفىت ۋە تەبىي گاز زاپىسى خىتاي ئومۇمىي نېفىت ۋە تەبىي زاپىسىنىڭ 4 دەن بىر قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.