بۈگۈر ناھىيىسىدە كان رايونىدا يۈز بەرگەن ئاپەتتە 11 كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن


2007.07.19

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر كان ‏- گېئولوگىيە ئىدارىسى خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 18 ‏- ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ئەتراپىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايىنغۇلىن ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيىسىدىكى كۆمۈر كان رايونىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە، كۆمۈر كان ‏- گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ 161 ‏- ئەترىتى 204 ‏- بۇرغىلاش گۇرۇپپىسىنىڭ 11 نەپەر ئىشچىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كەلكۈندىن قۇتۇلۇپ چىققان گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى، كەلكۈن يۈز بەرگەن چاغدا 19 كىشىنىڭ ئىش ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 8 خادىمنىڭ دۆڭلۈككە چىقىۋېلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلەنگەنلىكىنى، قالغان 11 كىشىنىڭ بولسا ھازىرغا قەدەر ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قۇتقۇزۇش خادىملىرى يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ قول تېلېفونىغا تېلېفۇن ئۇرۇش ئارقىلىق " چارلاش " ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، كەلكۈن يۈز بەرگەن تاغلىق رايوندا سىگنال بولمىغانلىقى ئۈچۈن، يوقاپ كەتكۈچىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش قىيىنغا توختىماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى، بۈگۈنگە قەدەر بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە 19 ئادەمنىڭ يوقاپ كېتىشىگە يول ئاچتى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.