شەرقىي جۇڭغاردا پەۋقۇلئاددە يېڭى ئېنېرگىيە رايونى بايقالدى
2007.11.29
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇڭغار رايونىدا پەۋقۇلئاددە يېڭى ئېنېرگىيە رايونى بايقالغاندىن كېيىن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى" خۇئادىيەن"، " داتاڭ"، " خۇئانېڭ" قاتارلىق 6چوڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شۇنىڭدەك كۆمۈر شىركەتلىرى مەزكۈر رايونغا ماكانلىشىپ، قېزىپ يۆتكەش ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن - بايلىق نازارىتىنىڭ سىياسىي سېكرىتارى تيەن جيەنرۇڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ خوشاللىقىنى باسالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ" : بۇ دەشت - باياۋاننىڭ ئاستىدا چەكسىز قارا ئالتۇن ياتىدۇ، پات ئارىدا كۆمۈر - ئېلېكتىر، كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى بەلۋېغى بۇ زېمىندا بارلىققا كېلىدۇ، ئېلىمىز جوڭگۇنىڭ يەنە بىر پەۋقۇلئاددە چوڭ يېڭى ئېنېرگىيە رايونى بۇ يەردە قەد كۆتۈرىدۇ."
سانجىنىڭ شەرقىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان ئون نەچچە مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ چۆل - جەزىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىلگىرى ئېچىلمىغان يەرلەر بولۇپ، شەرقتىن غەرىبكە سوزۇلغان 200 كىلومېتىرچە كېلىدىغان بۇ بەلۋېغىدا كۆمۈر زاپىسى 390 مىليارد توننىغا يېتىدىكەن.
ئۇيغۇر ئىلى يەر ئاستى ئېنېرگىيە بايلىقى بىلەن خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا مەشھۇر، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنى" ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە تالان - تاراج قىلىۋاتىدۇ " دەپ ئەيىبلەۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ئىلىدىكى بايلىقلاردىن بۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالماي، دۇنيادىكى ئەڭ نامرات خەلقلەردىن بىرى بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" نىڭ 3- تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلماقچى
- شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت خادىملىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى توشۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە
- خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى نېفىت سانائەت گۇرۇھىنىڭ قانۇنسىز بانكىدىن پۇل ئالغانلىقى تەكشۈرۈلمەكتە
- 6 نەپەر "شىنجاڭلىق" خىتاي فوربېس ژۇرنىلىنىڭ خىتايدىكى بايلار تىزىملىكىگە كىردى
- خىتاي : ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى "بۆلگۈنچىلىك" ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- خىتاي ئىككىنچى چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇشقا 13 مىليارد 600 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى
- ۋاڭ لېچۈەن، سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا يەنە سايلاندى
- باي ناھىيىسىدە يەنە بىر چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى
- ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا