كۆمۈر كانلارنى ھەددىن زىيادە قېزىش سەۋەبىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەر ئاستى قاتلىمى چۆكمەكتە
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى كۆمۈر كانلارنى كەڭ كۆلەمدە قېزىش نەتىجىسىدە يەر قاتلىمىدا پەيدا بولغان بوشلۇق، ئۈرۈمچى شەھىرىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.
خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا،نەچچە ئون يىلدىن بويان ئۈرۈمچىنىڭ يەر ئاستىدىكى كۆمۈر بايلىقى ھەددىدىن زىيادە قېزىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىنىڭ يەر ئاستى قاتلىمىدا كەڭ دائىرىدە بوشلۇق پەيدا بولغان.
بەزى جايلاردا ھەتتا چۆكۈش ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن . ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى سالغان بىناسىغا 700 مېتىرچە كېلىدىغان جايدا يەر چۆكۈپ، بىر چوڭ ئورەك پەيدا بولغان. نۆۋەتتە كۆمۈر كولاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يەر قاتلىمىنىڭ چۆكۈشى بارغانسېرى ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىگە قاراپ كېڭىيىۋاتماقتا ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، كۆمۈر كانلارنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىش نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىنىڭ يەر ئاستى سۈيىمۇ زور تەسىرگە ئۇچرىغان. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىمۇ ئۈرۈمچىنىڭ يەر ئاستىدىكى بوشلۇقنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ بىراق بۇنى كونترول قىلىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغان.(ئارزۇ)