ئۇيغۇر ئېلىدە 68 مىليارد توننىلىق چوڭ كۆمۈرلۈك بايقالدى


2006.04.19

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىغا جايلاشقان كۆمۈرلۈكتە 68 مىليارد 500 مىليون توننىلىق كۆمۈر بايلىقى بايقالدى. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈرلۈككە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيىلىك كان مەھسۇلاتلىرىنى قېزىپ ئېچىش ئىدارىسى بۇ يەردە بايقالغان كۆمۈر بايلىقى 68 يېرىم مىليارد توننا بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى كۆمۈر بايلىقى زاپىسىنى 390 مىليارد توننىغا يېتىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ كۆمۈرلۈك كەلگۈسىدە ئىچكى موڭغۇلدىكى ئېردوس كۆمۈرلىكىدىنمۇ ئېشىپ، خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈرلۈك بولۇپلا قالماي، دۇنيا مىقياسىدىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان چوڭ كۆمۈرلۈك ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ كۆمۈرلۈك ئۇيغۇر ئېلىدىكى سانجى تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىمسار ۋەگۇچۇڭ ناھىيىسى ھەمدە مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى تەۋەلىكىگە جايلاشقان. شۇنداقلا كۆمۈر قاتلىمى كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، قۇرۇلۇشى ئاددى ۋە ئېچىشقا ئەپلىك ئىكەن. ھازىر بۇ كۆمۈرلۈك خىتايدىكى چوڭ گۇرۇھلارنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلغان بولۇپ، شەندۇڭ لۇنېڭ تەرەققىيات گۇرۇھى، شېنخۇا گۇرۇھى، شەندوڭ يۈنكۇاڭ گۇرۇھى ۋە داليەن شىدﯤ گۇرۇھى قاتارلىق 12 چوڭ شىركەت بۇ كۆمۈرلۈككە مەبلەغ سېلىشقا ئالدىرىغان.

خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر خىل كان بايلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىش بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىق ئېچىش قەدىمىنى ئالاھىدە تېزلەتمەكتە. ئەمما بايلىقلارنىڭ ئىگىسى بولغان يەرلىك خەلقلەر بولسا بىر تەرەپتىن، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇ ئېچىشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يەردىكى بايلىقلاردىن سىرتتىن كىرگەن خىتايلارنىڭلا پايدا ئېلىپ ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.