ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ فۇكاڭ ناھىيىسىدە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر كۆمۈر كاننىڭ تورۇسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، كان ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان 14 ئىشچىنىڭ 13 نەپىرى ئۆلدى، بىر كىشى ئېغىر دەرىجىدە يارىلاندى.
قۇتقۇزۇش خادىملىرى دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋەقەدە ئۆلگەن ئىشچىلاردىن ئاخىرقى 3 كىشىنىڭ جەسىتىنى تېپىپ چىققان. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر كان ئىدارىسىدىكى ۋۇ جياچۇن ئىسىملىك بىر ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، فۇكاڭدىكى گۇاڭيۈەن كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن قازادا كان قۇدۇقىنىڭ تورۇسى گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەندىن كېيىن، 13 كان ئىشچىسىنىڭ ھەممىسى كۆمۈر گېزىدا زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. ۋەقە يۆز بەرگەن كۆمۈر كان خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئېچىلغان خۇسۇسىلار ئىگىدارچىلىقىدىكى كان بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن كۆمۈر كان خوجايىنى قولغا ئېلىنغان.
خىتايدا كۆمۈرچىلىك سانائىتى كۆمۈر كانلىرىنى سۇ بېسىپ كېتىدىغان، كان قۇدۇقلىرى گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈدىغان، گاز پارتلاپ كېتىدىغان ۋەقەلەر دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك ساھە بولۇپ، جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە 2005 - يىلى مەملىكەت بويىچە 6 مىڭ ئادەم كۆمۈر كان قازالىرىدا ئۆلگەن. لېكىن ئىشچىلار ھوقۇقىنى قوغداش ئورگانلىرى ۋە خوڭكوڭدىكى جۇڭگو ئەمگەك مۇنبىرى تەشكىلاتى، ئەمەلىيەتتە خىتاي بويىچە يىلدا 20 مىڭ ئادەمنىڭ كۆمۈركان ۋەقەلىرىدە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)