ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى گېرمانىيىدە كۆرگەزمە قىلىنماقچى


2007-04-10
Share

تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 9 ‏- ئايدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى ئاساس قىلغان "يىپەك يولىدىن" ناملىق كۆرگەزمە گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندە ئۆتكۈزىلىدىكەن.

بېرلىندا كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار جەمئىي 171 خىل بولۇپ، ئۇلار مىس قورال دەۋرىدىن تارتىپ ۋېي، جىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلار دەۋرىدىكى ئىپەك يولى يادىكارلىقلىرى ئىكەن. مەزكۇر كۆرگەزمە بېرلىندا 3 ئاي ئېچىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدىكى سانائەت شەھىرىدە يەنە 4 ئاي داۋاملىشىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى چەتئەللەردە 10 نەچچە قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، خەلقئارانىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى ياپونىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، شۋېتسارىيە، جەنۇبىي كورىيە، ئامېرىكا ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنىپ، زور تەسىر قوزغىغان. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت