دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخبارات بۆلىمىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، كورلا شەھەرلىك پارتكوم 28 - سېنتەبىر كۈنى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى مۇقىملىقنى كۈچەيتىش خىزمىتى ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشاد رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا كورلا شەھىرىگە قاراشلىق يېزا - بازارلاردىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن كەلگەن 400 ئارتۇق ئادەم قاتناشقان . شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى جاڭ جىيەنشىن ھەر قايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت، پارتكوم ئورۇنلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بايرام مەزگىلىدە سىياسىي ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرىشىنى تەلەپ قىلغان.
دىلشاد رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا يەنە، كورلا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى گۇڭ جۈن خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دىنىي ئىشلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشاد رېشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى بىرەر چوڭ بايرام ياكى يىغىن مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا ۋەزىيەتنى جىددىلەشتۈرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلق ئارىسىدا ئېغىر سىياسىي ئىختىلاپنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)