كرورەن خارابىلىقى 20 يىلدا يوقىلىشى بولۇشى مۇمكىن

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ ليەن خىتاي "بىرىنچى مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى" دە ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسە، كرورەن خارابىلىقى 20 يىلدىن كېيىن پۈتۈنلەي يوقىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، كرورەن خارابىلىقىنىڭ ۋەيران بولۇشىدا مۇھىتنىڭ يامانلىشىشىدىن سىرت، ساياھەتچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەجەللىك رول ئوينىماقتا، دېدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، لوپنۇر رايونىنى ساياھەت قىلىۋاتقان زىيارەتچىلەر مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئاسرىمايلا قالماي، بەلكى بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا.

ياڭ ليەن ماقالىسىدە دائىرىلەرنى "تالان - تاراج خاراكتېرلىك ئېچىشتىن ساقلىنىشقا"چاقىردى. ئۇ، "شىنجاڭنىڭ ئېكىئولوگىيىلىك مۇھىتى ناھايىتى ئاجىز. چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ " دەپ تەكىتلىگەن. ياڭ ليەن،" مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسە، 20 يىلدىن كېيىن ياشلار كرورەن خارابىلىقىنى مەڭگۈ كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن" دەيدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرىنى رايونغا جەلپ قىلىش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن،چۈنكى رايوندا ساياھەتچىلىك ئاساسىي ئەسلىھەسى يىتەرلىك ئەمەس، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ياڭ ليەننىڭ ئەسكەرتىشىچە، لوبنۇر رايونىدا نۇرغۇن قەدىمىي ئىزلار تېز سۈرئەتتە يوقالماقتا.

مۇتەخەسسىسلەر مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن يېقىندا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا " ھازىرقى ئاساسىي ۋەزىپىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ئەمەس، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۈستۈرۈش" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)