سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئابلىز ئەيسا چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ نامىنى كرورانغا ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى


2008.01.22

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 10 نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 ‏- ئومۇميىغىنىدا، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تەرىپىدىن 896 پارچە تەكلىپ لايىھىسى چۈشكەن. بۇلاردىن 871 پارچە تەكلىپ ئارخىپلاشتۇرۇلغان، 25 تەكلىپ، سىياسىي كېڭەش مەركىزى كومىتېتىغا يوللانغان. سۇنۇلغان تەكلىپلەردىن بىرى چاقىلىق ناھىيىسنىڭ نامىنى كرورانغا ئۆزگەرتىش بولۇپ، بۇ تەكلىپ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ياكى مەلۇم بولغان ، مىللىي مەسىلىگە باغلىنىشلىق بىر تەكلىپتۇر.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يەر ناملىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى، بۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشكە سۈنئىي پاكىت تەييارلاش مېتودى. شۇڭا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىخىي ناملارنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشەببۇسى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىگە باغلاپ قارىلىۋاتقان نازۇك بىر تىما. بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ لايىھىسىدىن 408 پارچىسى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ئائىت بولۇپ، ئومۇمى تەكلىپنىڭ 45% نى ئىگىلىگەن؛ پەن ‏- مەدەنىيەت مەسىلىلىرىگە ئائىت تەكلىپ 213 پارچە بولۇپ، 24% نى ئىگىلىگەن؛ سىياسىي، قانۇن- تۈزۈم، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت مەسىلىلەر 28% نى ئىگىلىگەن.

خىتاي دۆلەت ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ مەلۇماتلاردىن، بۇ قېتىمقى يىغىندىمۇ سىياسىي تىمىنىڭ يەنىلا نازۇك تىما بولغانلىقى، سىياسىي مەسىلىلەر ھەققىدە تەكلىپلەرنىڭ كۆپ چۈشمىگەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى 5 ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە مىللىي مەسىلە بولۇشى كېرەك ئىدى. تەكلىپلەر ئارىسىدا ، مىللي ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ توغرا ئىجرا قىلىنماسلىق ئەھۋالى، مىللىي مائارىپ دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي توساقلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش تېپىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار، ئىسلاھات -ئېچىۋېتىش دولقۇنىدا، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئادالەتسىز رىقابەتلەر يەنىلا ئورۇن ئالالمىغان. شۇڭا، ئابلىز ئەيسا ئوتتۇرىغا قويغان ، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ نامىنى كرورانغا ئۆزگەرتىش تەلىپى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مىللىي مەسىلىگە چېتىشلىق بىردىن ‏- بىر تەكلىپ لايىھە ھېسابلىنىدۇ.

1900 ‏- يىللاردا كرورەن قەدىمىي شەھىرى بايقالغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 1980 ‏-يىللاردا نەچچە مىڭ يىلىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي موميا "كروران گۈزىلى" تېپىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ، شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى دېگەن تارىخى ھۆكۈمى يەنە بىر رەت قاتتىق ئىنكارغا دۇچ كەلگەن. ئەجدادلىرىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىدىن ئىپتىخارلانغان ئۇيغۇرلار بولسا، كروران گۇزىلى: ئانام كروران قاتارلىق سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن ئوزلىرىنىڭ كروران مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىرى ئىكەنلىكىنى تەنتەنە قىلغان. كروران نامى ئۇيغۇرلارغا قۇۋۋەتلىك مىللىي روھ ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان بىرقانچە مۇھىم تارىخي مەنبەلەردىن بىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتايدىكى خەلق گېزىتىنىڭ بۇلتۇر 12 ‏-ئايدا بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كروران قەدىمىي شەھىرى نۆۋەتتە، ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بىر تارىخىي يادىكارلىق.

11 ‏-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 ‏-ئومۇميىغىنىدا تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن، سۈن چاڭخۇا، تۇرپاندا مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ ياخشى قوغدالمايۋاتقانلىقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مانا بۇ ئەھۋاللار، نەزەردە تۇتۇلسا، ئابلىز ئەيسا ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىغا دىققەتنى تارتىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۇلۇغلاش ۋە ساھىپ چىقىش نۇقتىسىدىن ئەھمىيەتلىكتۇر. ئەمما ئابلىز ئەيسا، تەكلىپنى بۇ نۇقتىدىن ئەمەس، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ ساياھەت ساھەسىدىكى جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇش، بۇ يول بىلەن چاقىلىق ناھىيىسنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ تەكلىپ لايىھىسىدە، يەنە، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى جۇڭدىيەن ناھىيىسىنىڭ نامى شاڭگىلاخۇغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بۇ ناھىيىنىڭ ساياھەت ئىشلىرى ئىلگىرى بېسىپ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغانلىقىنى مىسال ئېلىپ كۆرسەتكەن.

شىنجاڭ خەۋەر تورىدا بىلدۈرۈشىچە ، بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا چۈشكەن تەكلىپلەرنىڭ 97% ى، بۇندىن كېيىنكى خىزمەت كۈنتەرتىبىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان مەسىلىلەر قاتارىدا ئارخىپلاشتۇرلغان . ئەمما ئابلىز ئەيسا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇلغان ياكى ئارخىپلاشتۇرۇلمىغانلىقى ۋە ھەتتا ئۇنىڭ يىغىن مەيدانىدا قانداق ئىنكاس پەيدا قىلغانلىقى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. (شۆھرەت ھوشۇر)

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەتنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.