كۇچادىكى پارتلاش ۋەقەلىرى

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىپ، 10 - ئاۋغۇست كۈنى كۇچادا بىر قاتار پارتلاشلار ھەم توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلار دىققىتىنى مەزكۇر تېمىغا بۇراپ، تۈرلۈك ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلارنى ئېلان قىلماقتا.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.08.10

 بۇ 4 - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ قوراللىق ساقچى ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، 16 نەپىرىنى ئۆلتۈرۈپ، 16 نەپىرىنى يارىدار قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا قوزغالغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ ئېلان قىلىش دولقۇنىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق قىزغىنلىق بولۇپ قالدى.

خىتاي ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۇچادىكى پارتلاش 10 - ئاۋغۇست كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 3 يېرىملاردا باشلانغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ 8 نەپەر پارتلاتقۇچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، ئىككى پارتلاتقۇچىنىڭ ئۆزىنى پارىتلىتىۋالغانلىقى ۋە بىر نەپەر قوغداش خادىمىنىڭ ئۆلۈپ، ئىككى نەپەر ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. لېكىن، ھازىرغىچە ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردە ھەمدە ئىنكاسلاردا كۇچادىكى پارتلىتىش ۋە توقۇنۇش ۋەقەسىدە زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقى ھەققىدە ئېنىق، بىرلىككە كەلگەن مەلۇمات يوق.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 11 نەپەر ئەتراپىدا ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي تەرەپتىن ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم خۇددى قەشقەردىكىگە ئوخشاشلار ساقچى ئورۇنلىرىغا قارىتىلغان ئىكەن. كۇچانىڭ نوپۇسى 400 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئاساسىي سالماقنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ. بىراق، بۇ يەردىكى خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە، مەركىزىي ھۆكۈمىتى، ۋىلايەتلەر ھەم ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە مەنسۇپ شىركەتلەرنىڭ سانى 200 ئەتراپىدا بولۇپ، مەزكۇر ئىش ئورۇنلىرىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتايلار ئىگىلىگەن. كۇچادا خىتايلارنىڭ نوپۇسى تېز سۈرەتتە كۆپەيمەكتە ئىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.