كۇچادا ۋەقەدىن كېيىن نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۇچادا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 90 كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ، بۇ كىشىلەرنى قاتتىق قىيناش ئۇسۇللىرى بىلەن قىيناۋاتقانلىقى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.08.12

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت سەيشەنبە كۈنى خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، پەقەت كۇچا شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنغانلار سانىنىڭ 90 كىشىگە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن سىرت يەنە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كۇچا ئەتراپىدىكى يېزا ‏ - قىشلاقلاردىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 10‏ - ئاۋغۇست كۈنى كۇچا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن، 15 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتىدا،خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان دىلشات رىشىت، خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا ۋە ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە ئالاھىدە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشكە چاقىرغان.

لېكىن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۇچادىن خەۋەر قىلىشىچە، كۇچا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى يۈسۈپجان مەمەت سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ كۇچادا تۇتقۇن قىلىنغان 90 كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق قېيىن - قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى رەت قىلغان. ئەمما ئۇ مۇخبىرلارنىڭ كۇچادا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، قانچىلىك ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.