كۇچاردا بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان قەدىمقى قەبرە تېپىلغان

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر كۇچار شەھىرىدە يەر ئاستى سودا سارىيى سېلىنىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا يەر ئاستىدىن قەدىمقى قەبرىلەر ئاشكارىلانغان.

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' بۇ قەبرىلەرنىڭ تىپىك خەنچە خىش قەبرە ئىكەنلىكىنى، جياڭسۇ، سەندۇڭ خېنەن، گەنسۇلاردىكى قەدىمقى قەبرىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، 'ۋېي-جىن ‏ 16 دۆلەت' دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى، يەنى بۇنىڭدىن 1700 يىل بۇرۇنقى مەدەنىي يادىكارلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئەمما بۇ يەكۈنگە ئاساسىي دەلىل بولىدىغان مەزكۇر قەدىمقى قەبرىلەردىن قانداق مەدەنىي يادىكارلىقلار تېپىلغانلىقى، ئارخېئولوگلارنىڭ نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ، قېزىش ‏- رەتلەش دوكلاتى قاتارلىق ئەقەللىي ئۇچۇرلار ۋە ئىلمىي ئاساسلارنىڭ ھېچقايسى ئېلان قىلىنمىغان. ھازىر ئېلان قىلىنغان فوتو سۈرەتلەرگە قارىغاندا، كۇچاردا بايقالغان گۈمبەز شەكىللىك قەدىمقى خىش قەبرە كۇچارنىڭ تىپىك يەرلىك ئەنئەنىسىنىڭ پاكىتى.

مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغان تور بېتىدە خىتايچە يېزىلغان ئوبزورلاردا، كۇچار بىر گۆھەردەك زېمىن، بۇنىڭدا مەدەنىي يادىكارلىق، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر بايلىقلىرى ئىنتايىن مول، بۇ جايدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش لازىم، شۇنداقلا، ئەتراپتىكى بىر نەچچە ناھىيىنى بۇ شەھەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ نامىنى خىتايچە 'گۇيزى شەھىرى' دەپ ئاتاش لازىم، دەپ جىددىي تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بولسا، كۇچاردا بايقالغان بۇ قەبرىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار ئارخېئولوگلار تەكشۈرۈپ كۆرگىچە ئاللىقاچان ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكى، كۇچارغا يېقىنقى كۈنلەردە كەلگەن كەلگۈندى خىتايلارنىڭ ھازىر 'بىز خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا بۇ جايدا بار ئىدۇق' دەپ چوقان سېلىشقا باشلىغانلىقى بايان قىلىنغان. (ۋەلى)