خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى


2005.08.07

خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنى ھېسابلانغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ مۇراسىم پائالىيىتى جەريانىدىكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئومۇمىي يۈزلۈك قوغداش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

50 يىللىقنى خاتىرىلەشنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىر مۇئاۋىن باشلىقى مۇراسىم پائالىيىتى جەريانىدا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا تەييارلىق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مەخسۇس مۇراسىمنى قوغداش ئىشخانىسى تەسىس قىلغان. 8-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن 1500 نەپەر قوراللىق ساقچى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمى ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ ھەر قايسى نۇقتىلىق جايلىرى، جامائەت سورۇنلىرى ۋە ئادەملەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ھەم نازارەت قىلىش ئېلىپ بارىدىكەن. مىڭدىن ئارتۇق بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش خادىمى ئاھالىلار رايونلىرىغا بېرىپ، قوغداش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن شۇنىڭدەك يەنە مۇراسىم جەريانىدا 24 سائەت قوراللىق چارلاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

شىنخۇئانىڭ خەۋىرىدە چارلاشنىڭ بىۋاستە ئوبيېكتى ئېنىق ئېيتىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل كونتروللۇقنى ۋە نازارەتنى كۈچەيتىشى بىۋاستە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى ئاساسلىق ئۇيغۇرلار توپلاشقان جايلار تەكشۈرۈش ۋە نازارەت ئوبيېكتى قىلىنىپ، سەللا گۇمانلىق دەپ قارالغان ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغان.

تېخى يېقىندىلا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى رابىيە قادىر سودا سارىيىغا يېقىنلا جايدا 6 نەپەر خوتەنلىك ئۇيغۇر ياش ساقچىلار تەرىپىدىن "قانۇنسىز دىنىي ئۇنسۇر" دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.