خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ كۈرەش ھۈسەيىنگە قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى


2005-11-22
Share

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، قەشقەر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ "قەشقەر ئەدىبىياتى" جورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى كۈرەش ھۈسەيىننى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ " ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرىنى مەزكۇر جورنالدا باسقانلىقى سەۋەبىدىن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتىدا، "كۈرەش ھۈسەيىننى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. بۇ دائىرىلەرنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى " دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى نۇرمۇھەممەت ياسىننى قولغا ئېلىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، كۈرەش ھۈسەيىننى مەزكۇر ئەسەرنى " قەشقەر ئەدىبىياتى" دا ئېلان قىلغان، دەپ جاۋابكارلىققا تارتقان. قەشقەر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا 3 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى، نۇرمۇھەممەت ياسىن ھىكايىسىدە كىشىلەرنى "بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتكەن " دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. يېقىندا ئۇنىڭ ھېكايىسى خىتاي ۋە ئىنگلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت