مەركىزى ئامېرىكىنىڭ سان فرانسېسكو شەھىرىدىكى سۆھبەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى كۈرەش ھۆسەيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدىكى بىر تۈرمىدىن شەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلىدىكەن. سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى، كۈرەش ھۈسەيىننىڭ 3 يىللىق قاماق جازاسىنىڭ مۇددىتى توشقانلىقى سەۋەبلىك 2 - فېۋرال كۈنى قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۈرەش ھۆسەيىن 2004 - يىلى قەشقەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان مەزگىلىدە مارالبېشىلىق يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ " ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرىنى "قەشقەر ئەدەبىياتى" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغانلىقى تۈپەيلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. لېكىن كۈرەش ھۈسەيىننىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تېخى ئىسپاتلانمىدى. ئەينى چاغدا دائىرىلەر "ياۋا كەپتەر"نىڭ ئاپتورى نۇرمۇھەممەت ياسىننى ئەسىرىدە كىشىلەرنى بۆلگۈنچىلىككە ۋە زوراۋانلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
نۆۋەتتە نۇرمەمەت تۇرسۇن، ئۈرۈمچىدىكى 1 - تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. ئالدىنقى يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئەمەلدارى مانفرىد نوۋاك، ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغاندا نۇرمۇھەممەت ياسىننى يوقلىغان ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى نۇرمۇھەممەت ياسىن ۋە مۇھەررىر كۈرەش ھۈسەيىنلەرنى قولغا ئېلىپلا قالماي، يەنە نۇرمۇھەممەتنىڭ " ياۋا كەپتەر" ئېلان قىلىنغان قەشقەر ئەدەبىياتىنىڭ 4 - سانىنى يىغىۋالغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان، ھەتتا بۇ ۋەقە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان ئىدى. (ئەركىن)