ئۇيغۇر ئېلىدە "ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش" نى ئاساسىي ئىدىيە قىلغان تاشقى ئىشلار نەزىرىيىسى تەربىيلەش كۇرسى ئېچىلدى


2004.12.08

ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن "ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش" نى ئاساسىي ئىدىيە قىلغان تاشقى ئىشلار نەزىرىسى تەربىيلەش كۇرسى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاپتونوم رايون تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى نىشان ئىبراھىم تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى تەشۋىقات ئىشلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە خەلقئارادا ياخشى ئوبراز تىكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

" تەڭرى تاغ خەۋەر تورى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق كۇرسقا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى شەھەر، ئوبلاستلىرىدىكى تاشقى تەشۋىقات بۆلۈملىرى، تاشقى ئىقتىساد كومىتېتى، سەھىيە نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 50 نەچچە ئىدارە - ئورگاندىن بولۇپ 170 نەچچە نەپەر كادىر قاتناشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاشقى تەشۋىقات ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ تاشقى تەشۋىقات ئىشلىرىنىڭ كوممۇنىست پارتىيە ئىدىيىسىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىشىغا كۆپ كۈچ چىقارماقتا. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرى خىتاينىڭ بۇ خىل تەربىيە ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەقىقىي ۋەزىيەتنى يوشۇرۇپ، كومپارتىيىنى تەرىپلەش ۋە مەمنۇن بولۇش كەيپىياتىنىلا ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.