خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسى، ئايكۆل يېزىسىدا مەخسۇس كۇرس ئېچىپ 350 نەپەر يېزا تايانچ كادىرلىرىنى بىر ئارىغا يىغىپ، دىن، مىللەت نەزەرىيىسى ۋە شىنجاڭ تارىخى ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بارغان.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بۈگۈن ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر كۇرس بىر ئاي مۇددەت بىلەن 3 قارارغا بۆلۈپ ئېچىلغان بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى كەچكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كۇرسقا قاتناشقان يېزا كادىرلىرى ئۆگىنىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، نەتىجىسىگە ئاساسەن كەلگۈسىدىكى ۋەزىپىسىگە بەلگىلىنىدىكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەج پائالىيىتى ۋە قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېزىلارغا قاراتقان نازارىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلىكتە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى مەجبۇرىي سىياسىي ئۆگىنىشكە يىغىۋالغان. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە "ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش" نى ئاساسىي ئىدىيە قىلغان تاشقى ئىشلار نەزىرىيىسى تەربىيلەش كۇرسى ئېچىلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي ھەركەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئۇيغۇر ماھىرى ئامانگۈل 2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشماقچى
- جاڭ شيۇمىڭ مائارىپ سېپىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش ھەققىدە توختالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي زاتلارنى كوممۇنىستىك ئاڭدا تەربىيىلەپ چىقتى
- ئاقتۇدا قويلارنىڭ ئالتۇن زاۋۇتىدىن چىققان سۇدىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى